Published On Mar 26, 2024
«جان دوستلار» ناملىق لېنتا ھەققىدە ئىككى كەلىمە
مۇساجان رۇزى، سەيدۇللام توختى، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن قاتارلىق ئۇستازلار ئورۇنلىغان «جان دوستلار» ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى 1985- يىلى شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
80- يىللار ۋە 90- يىللارنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناخشىچى، مۇزىكانتلارنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئۈنئالغۇ لېنتىسى، كېينرەك سىنئالغۇ لېنتىسى ئىشلەپ، نەشىر قىلىش ئەۋج ئالغان چاغدا «جان دوستلار» ناملىق ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىككى يۈرۈشى (A يۈزىدە «جان دوستلار»، B يۈزىدە «ئاھ ئۇرارمەن») قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتا قىلىپ نەشىر قىلىنغان. ئۈن - سىن بازارلىرى ئاۋاتلاشقان شۇ چاغلاردا كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ لېنتا قايتا - قايتا نەشر قىلىنغان.
بۈگۈن بىز باشكارىز سالونىمىزدا «جان دوستلار» ناملىق بۇ ئالقىشلىق ناخشىلارنىڭ تولۇق، ئوچۇق نۇسخىسىنى ناخشا خۇمار دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق